■9:1 روس. 11:29؛ رىم. 15:26؛ 1كور. 16:2؛ 2كور. 8:4.
□9:2 «مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ... پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن» ــ كورىنت شەھىرى ئاخايا ئۆلكىسىدە ئىدى.
□9:3 «قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم...» ــ «قېرىنداشلار» يەنى تىتۇس ھەم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى قېرىنداش.
□9:6 «ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ» ــ ياكى «بەرىكەتلەپ تېرىغىنى بەرىكەتلىنىپ ئالىدۇ».
■9:6 پەند. 11:24؛ گال. 6:7.
■9:7 مىس. 25:2؛ 35:5؛ قان. 15:7؛ رىم. 12:8.
□9:8 «كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ» ــ «كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ» گرېك تىلىدا «ئېشىپ تاشقىنلىنىپ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.
□9:9 «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ» ــ «زەب.» 9:112.
■9:9 زەب. 112:9
□9:10 «ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ،...» ــ «تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلار» ھەرخىل كۆچمە مەنىدە بولۇپ، «ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن خەيرلىك قىلىش پۇرسەتلىرى»، «باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش پۇرسەتلىرى» دېگەندەك مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ «مېۋىلىرى» بولسا، باشقىلارنى ئېتىقادقا كەلتۈرۈش، ئېتىقادچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ھەرخىل ئېسىل نەتىجىلەرنى كۆرسىتىدۇ ــ 11-12-ئايەتنى كۆرۈڭ.
□9:11 «شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ» ــ ئىئانە يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا تاپشۇرۇلغاندا، ئۇلار خۇداغا كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا باشقا جامائەتلەرمۇ ئۇ ئىشنى ئاڭلاپ شۇنداق قىلىدۇ.
□9:12 «بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش» ــ «ئادا قىلىش» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا: «(كاھىنلار) قۇربانلىق قىلغاندەك ئادا قىلىش».
□9:14 «ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ» ــ «رىم.» 26:15-27دىن كۆرۈنىدۇكى، كورىنتتىكى (ئاقايادىكى) جامائەتلەر پاۋلۇسنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاخىر قوبۇل قىلىپ چوڭ ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەنىدى.