رىملىقلارغا
1
روسۇل پاۋلۇس رىم شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان مەكتۇپ
روسۇللۇققا تاللاپ چاقىرىلغان، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا ئايرىپ تەيىنلەنگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام! روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ گال. 1‏:15.
خۇدا بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كېلىشىنى خېلى بۇرۇنلا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى. يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20. 3‏-4 بۇ خۇش خەۋەر ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان؛ بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق «كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ كۆرسىتىلىپ بېكىتىلگەن؛ «جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان» ــ مۇشۇ «داۋۇت» بولسا داۋۇت پەيغەمبەر، يەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان داۋۇت. نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسىھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولىدۇ، دەپ بېشارەت بەرگەنىدى. «بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ» ــ گرېك تىلىدا «پاك-مۇقەددەسكە تەۋە بولغان روھ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىزنىڭچە، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئۆز مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار بۇ ئىبارىنى مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆز روھىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ.   مات. 1‏:1؛ لۇقا 1‏:32؛ روس. 2‏:30؛ 13‏:23؛ 2تىم. 2‏:8؛ يەش. 9‏:5؛ 44‏:6؛ 54‏:5؛ يـۇھ. 2‏:19؛ رىم. 9‏:5؛ 1يۇھ. 5‏:20. ئۇ ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن بارلىق ئەللەر ئارىسىدا خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە بىز مېھىر-شەپقەتكە ۋە روسۇللۇققا مۇيەسسەر بولدۇق؛ «ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن بارلىق ئەللەر ئارىسىدا خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە بىز مېھىر-شەپقەتكە ۋە روسۇللۇققا مۇيەسسەر بولدۇق» ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە يەھۇدىي ئەمەس ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتتا بەزىدە يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن «يات ئەللەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. «خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە...» ــ گرېك تىلىدا سۆزمۇسۆز پەقەت «ئېتىقادنىڭ ئىتائىتى ئۈچۈن...» دېيىلىدۇ. سىلەر ئۇلار ئارىسىدا، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر. «سىلەر ئۇلار ئارىسىدا، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر» ــ «ئۇلار ئارىسىدا» ــ يەنى مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يات ئەللەر ئارىسىدا. دېمەك، رىملىق ئېتىقادچىلار دەل روسۇل پاۋلۇس ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا چاقىرىلغان كىشىلەردىندۇر. «ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھكە مەنسۇپ بولۇشقا (خۇدا تەرىپىدىن) چاقىرىلغان...».
شۇڭا، خۇدا سۆيگەن ۋە ئۇ «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرغان رىم شەھىرىدىكى ھەممىڭلارغا، ئاتىمىز خۇدادىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! 1كور. 1‏:2؛ ئ‍ەف. 1‏:1.
 
تەشەككۈر دۇئاسى
ئالدى بىلەن مەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار پۈتكۈل ئالەمگە پۇر كەتتى. «سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار پۈتكۈل ئالەمگە پۇر كەتتى» ــ رىم ئىمپېرىيەسىدىكىلەر رىمنىڭ قانۇنى بويىچە: «ئىمپېراتورى «قەيسەر»نى «رەب خۇدا» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. شۇڭا «ئەيسا مەسىھ رەببىمدۇر» دەپ ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتتىق قارشىلىققا ۋە كۆپ قېتىم دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. پايتەختى رىم شەھىرىدىكى پۇقرالاردىن بەزىلىرىنىڭ مەسىھكە باغلانغانلىقى: «رىم شەھىرىدە مەسىھكە ئەگەشكۈچىلەر بار ئىكەن!» دەپ دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرگەنىدى. ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردە چىن روھ-قەلبىم بىلەن مەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا ئۆزى مېنىڭ دۇئالىرىمدا سىلەرنى شۇنچە ئۈزلۈكسىز ئەسلەپ تۇرغانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. «ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردە چىن روھ-قەلبىم بىلەن مەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا...» ــ گرېك تىلىدا «چىن روھ-قەلبىم بىلەن» پەقەت «روھىمدا» دېيىلىدۇ. «خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا...» ــ «خىزمىتى» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا ئالاھىدە «روھىي خىزمەت» ياكى «كاھىنلىق خىزمەت»نى كۆرسىتىدۇ.   رىم. 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 2تىم. 1‏:3. 10 مەن دۇئالىرىمدا، مۇمكىن قەدەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئاخىر مۇيەسسەر بولۇشقا ھەمىشە ئۆتۈنىمەن. رىم. 15‏:23،32. 11 چۈنكى مەن سىلەرنى بىرەر روھىي ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن تەقەززامەن؛ «روھىي ئىلتىپات» ــ مۇقەددەس روھتىن كېلىدىغان ئالاھىدە، مۆجىزىلىك قابىلىيەتتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن، «1كور.» 12-14-بابلارنى كۆرۈڭ.   رىم. 15‏:29؛ 1تېس. 3‏:10. 12 يەنى، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا تەسەللى ۋە ئىلھام ئالالايمىز دېمەكچىمەن.
 
13 قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، باشقا يەردىكى ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا خىزمىتىم مېۋە بەرگەندەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ خىزمىتىمنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم نىيەت قىلدىم، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن. «سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى...» ــ بۇ سۆزلەر ئادەتتە رىم ئىمپېراتورى يارلىق چۈشۈرگەندە ئىشلىتىدىغان ئىبارە ئىدى. روسۇل پاۋلۇس تۆۋەندىكى گېپىنى «ئالەم ئىمپېراتورى ئەيسا مەسىھ»دىن كەلگەن دەپ پۇراتماقچى ئوخشايدۇ. ئەينى سۆزلەر «شۇنى بىلمەسلىكىڭلارنى خالىمايمەنكى،...». «ئەللىكلەر» ــ بارلىق يەھۇدىي ئەمەس مىللەتلەر، «يات ئەللەر»، «تائىپىولەر».   1تېس. 2‏:18. 14 مەن ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن، ھەممىسىگە قەرزدارمەن. «... ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن...» ــ مۇشۇ يەردە «يات تائىپىلەر» يۇنانلىق ئەمەسلەرنى ياكى شۇ دەۋردىكى «مەدەنىيەت بەلگىسى بولغان يۇنان تىلى»نى سۆزلىيەلمەيدىغان «مەدىنىيەتسىزلەر»نى كۆسىتىدۇ. «مەن... ھەممىسىگە قەرزدارمەن» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم «ھەممىسىگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە قەرزدارمەن» بولسا كېرەك.   1كور. 9‏:16. 15 شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەت ماڭا يار بەرسىلا مەن رىمدىكى سىلەرگىمۇ خۇش خەرۋەرنى يەتكۈزۈپ بايان قىلىشقا قىزغىنمەن.
 
خۇش خەۋەرنىڭ زور قۇدرىتى
16 چۈنكى مەن مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەردىن ھەرگىز خىجىل بولمايمەن! چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنى، ئاندىن كېيىن گرېكلەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! «مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر» ــ گرېك تىلىدا «مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرى» دېگەن سۆزدە ئىپادىلىنىدۇ. «گرېكلەر» ــ (ياكى «يۇنالىقلار») مۇشۇ يەردە بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئەللىكلەر ياكى مىللەتلەرگە ۋەكىل كېلىدۇ. «...نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر» ــ «نىجات» دېگەن خۇدا ئادەمنى گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.   زەب. 40‏:9-10؛ 1كور. 1‏:18؛ 15‏:2؛ 2تىم. 1‏:8. 17 چۈنكى خۇش خەۋەردە ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ». «خۇش خەۋەردە ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇش خەۋەردە خۇدادىن كەلگەن، باشتىن ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغان (بىر) ھەققانىيلىق ئاشكارىلانغاندۇر». «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ» ــ «ھاب.» 4:2.   ھاب. 2‏:4؛ يـۇھ. 3‏:36؛ رىم. 3‏:21؛ گال. 3‏:11؛ فىل. 3‏:9؛ ئىبر. 10‏:38.
 
ئىنسانىيەتنىڭ چۈشكۈنلۈك جەريانى
18 چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا. 19 چۈنكى ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدا بىلەلەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ھەممىنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن روس. 14‏:17. 20 (چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ) زەب. 19‏:1-2 21 ــ چۈنكى ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. قان. 28‏:28 22 ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛ 23 چىرىماس خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئورنىغا چىرىپ ئۆلىدىغان ئادەمزاتقا، ئۇچار-قاناتلارغا، تۆت ئاياغلىق ھايۋانلارغا ۋە يەر بېغىرلىغۇچىلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىدى. 2پاد. 17‏:29.
24 شۇڭا خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرى بىلەن ئىپلاسلىق قىلىشقا، شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى نومۇسقا قالدۇرۇشقا قويۇپ بەردى. 25 ئۇلار خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى يالغانغا ئايلاندۇردى، ياراتقۇچىنىڭ ئورنىغا يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، تاۋاپ-تائەت قىلغانىدى. ھالبۇكى، ياراتقۇچىغا تەشەككۈر-مەدھىيە مەڭگۈگە ئوقۇلماقتا! ئامىن!
26 مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى پەسكەش شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە قويۇپ بەردى. ھەتتا ئاياللارمۇ تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى غەيرىي مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى؛ «ئاياللارمۇ تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى غەيرىي مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى» ــ گرېك تىلىدا «ئاياللارمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى» دېيىلىدۇ.   لاۋ. 18‏:22،23. 27 شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر ئەرلەر بىلەن شەرمەندىلىككە كىرىشتى ۋە نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مۇخالىپ قىلمىشلىرى ئۆز بېشىغا چىقتى.
28 ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى. 29 ئۇلار ھەرخىل ھەققانىيەتسىزلىك، رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىككە چۆمۈپ، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، جېدەلخورلۇق، مەككارلىق ۋە ھەرخىل بەتنىيەتلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر، 30 تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، كىبىرلىك، ماختانچاق، چوڭچى، ھەرخىل رەزىللىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، 31 يورۇتۇلمىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. 32 ئۇلار خۇدانىڭ شۇلارغا بولغان ئادىل ھۆكۈمىنى، يەنى شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، بەلكى شۇنداق قىلىدىغان باشقىلاردىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى ئالقىشلايدۇ. ھوش. 7‏:3.
 
 

1:1 روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ گال. 1‏:15.

1:2 يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20.

1:3‏-4 «جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان» ــ مۇشۇ «داۋۇت» بولسا داۋۇت پەيغەمبەر، يەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان داۋۇت. نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسىھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولىدۇ، دەپ بېشارەت بەرگەنىدى. «بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ» ــ گرېك تىلىدا «پاك-مۇقەددەسكە تەۋە بولغان روھ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىزنىڭچە، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئۆز مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار بۇ ئىبارىنى مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆز روھىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

1:3‏-4 مات. 1‏:1؛ لۇقا 1‏:32؛ روس. 2‏:30؛ 13‏:23؛ 2تىم. 2‏:8؛ يەش. 9‏:5؛ 44‏:6؛ 54‏:5؛ يـۇھ. 2‏:19؛ رىم. 9‏:5؛ 1يۇھ. 5‏:20.

1:5 «ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن بارلىق ئەللەر ئارىسىدا خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە بىز مېھىر-شەپقەتكە ۋە روسۇللۇققا مۇيەسسەر بولدۇق» ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە يەھۇدىي ئەمەس ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتتا بەزىدە يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن «يات ئەللەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. «خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە...» ــ گرېك تىلىدا سۆزمۇسۆز پەقەت «ئېتىقادنىڭ ئىتائىتى ئۈچۈن...» دېيىلىدۇ.

1:6 «سىلەر ئۇلار ئارىسىدا، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر» ــ «ئۇلار ئارىسىدا» ــ يەنى مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يات ئەللەر ئارىسىدا. دېمەك، رىملىق ئېتىقادچىلار دەل روسۇل پاۋلۇس ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا چاقىرىلغان كىشىلەردىندۇر. «ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھكە مەنسۇپ بولۇشقا (خۇدا تەرىپىدىن) چاقىرىلغان...».

1:7 1كور. 1‏:2؛ ئ‍ەف. 1‏:1.

1:8 «سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار پۈتكۈل ئالەمگە پۇر كەتتى» ــ رىم ئىمپېرىيەسىدىكىلەر رىمنىڭ قانۇنى بويىچە: «ئىمپېراتورى «قەيسەر»نى «رەب خۇدا» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. شۇڭا «ئەيسا مەسىھ رەببىمدۇر» دەپ ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتتىق قارشىلىققا ۋە كۆپ قېتىم دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. پايتەختى رىم شەھىرىدىكى پۇقرالاردىن بەزىلىرىنىڭ مەسىھكە باغلانغانلىقى: «رىم شەھىرىدە مەسىھكە ئەگەشكۈچىلەر بار ئىكەن!» دەپ دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرگەنىدى.

1:9 «ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردە چىن روھ-قەلبىم بىلەن مەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا...» ــ گرېك تىلىدا «چىن روھ-قەلبىم بىلەن» پەقەت «روھىمدا» دېيىلىدۇ. «خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا...» ــ «خىزمىتى» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا ئالاھىدە «روھىي خىزمەت» ياكى «كاھىنلىق خىزمەت»نى كۆرسىتىدۇ.

1:9 رىم. 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 2تىم. 1‏:3.

1:10 رىم. 15‏:23،32.

1:11 «روھىي ئىلتىپات» ــ مۇقەددەس روھتىن كېلىدىغان ئالاھىدە، مۆجىزىلىك قابىلىيەتتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن، «1كور.» 12-14-بابلارنى كۆرۈڭ.

1:11 رىم. 15‏:29؛ 1تېس. 3‏:10.

1:13 «سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى...» ــ بۇ سۆزلەر ئادەتتە رىم ئىمپېراتورى يارلىق چۈشۈرگەندە ئىشلىتىدىغان ئىبارە ئىدى. روسۇل پاۋلۇس تۆۋەندىكى گېپىنى «ئالەم ئىمپېراتورى ئەيسا مەسىھ»دىن كەلگەن دەپ پۇراتماقچى ئوخشايدۇ. ئەينى سۆزلەر «شۇنى بىلمەسلىكىڭلارنى خالىمايمەنكى،...». «ئەللىكلەر» ــ بارلىق يەھۇدىي ئەمەس مىللەتلەر، «يات ئەللەر»، «تائىپىولەر».

1:13 1تېس. 2‏:18.

1:14 «... ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن...» ــ مۇشۇ يەردە «يات تائىپىلەر» يۇنانلىق ئەمەسلەرنى ياكى شۇ دەۋردىكى «مەدەنىيەت بەلگىسى بولغان يۇنان تىلى»نى سۆزلىيەلمەيدىغان «مەدىنىيەتسىزلەر»نى كۆسىتىدۇ. «مەن... ھەممىسىگە قەرزدارمەن» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم «ھەممىسىگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە قەرزدارمەن» بولسا كېرەك.

1:14 1كور. 9‏:16.

1:16 «مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر» ــ گرېك تىلىدا «مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرى» دېگەن سۆزدە ئىپادىلىنىدۇ. «گرېكلەر» ــ (ياكى «يۇنالىقلار») مۇشۇ يەردە بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئەللىكلەر ياكى مىللەتلەرگە ۋەكىل كېلىدۇ. «...نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر» ــ «نىجات» دېگەن خۇدا ئادەمنى گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

1:16 زەب. 40‏:9-10؛ 1كور. 1‏:18؛ 15‏:2؛ 2تىم. 1‏:8.

1:17 «خۇش خەۋەردە ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇش خەۋەردە خۇدادىن كەلگەن، باشتىن ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغان (بىر) ھەققانىيلىق ئاشكارىلانغاندۇر». «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ» ــ «ھاب.» 4:2.

1:17 ھاب. 2‏:4؛ يـۇھ. 3‏:36؛ رىم. 3‏:21؛ گال. 3‏:11؛ فىل. 3‏:9؛ ئىبر. 10‏:38.

1:19 روس. 14‏:17.

1:20 زەب. 19‏:1-2

1:21 قان. 28‏:28

1:23 2پاد. 17‏:29.

1:26 «ئاياللارمۇ تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى غەيرىي مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى» ــ گرېك تىلىدا «ئاياللارمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى» دېيىلىدۇ.

1:26 لاۋ. 18‏:22،23.

1:32 ھوش. 7‏:3.