36
ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى
1تار. 1‏:35-54
تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر (ئەساۋ يەنە ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ــ «تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ توققۇزىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئەساۋ (ئېدوم)نىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى» («ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (1:36-8) باشلىنىدۇ. «ئېدوم» ــ بۇنىڭ مەنىسى «قىزىل» بولۇپ، سېئىر رايونىدىكى تۇپراقنىڭ رەڭگىنى كۆرسىتىدۇ. ئەساۋ ئۆزىمۇ «قىزىل ئادەم» بولۇپ، «قىزىل بىر زېمىن»دا ئولتۇراقلاشقان.   1تار. 1‏:35.
ئەساۋ ئاياللىرىنى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئالدى، يەنى ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئاداھ بىلەن ھىۋىيلاردىن بولغان زىبېئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھنى ئالدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتنىمۇ ئالغانىدى. ئاداھ ئەساۋغا ئېلىفازنى تۇغۇپ بەردى؛ باسىمات بولسا رېئۇئەلنى تۇغدى. ئوھولىباماھ يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغدى؛ بۇلار قانائان زېمىنىدا ئەساۋغا تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىدى.
ئەساۋ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرىنى ۋە چارپايلىرىنى، بارلىق ئۇلاغلىرىنى، شۇنداقلا قانائان زېمىنىدا تاپقان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى. چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بىر يەردە بىللە تۇرالمايتتى؛ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىن ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى باقالمايتتى. يار. 13‏:6. بۇنىڭ بىلەن ئەساۋ (ئەساۋ ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېئىر تېغىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالدى. يە. 24‏:4.
تۆۋەندىكىلەر تاغلىق رايون سېئىردىكى ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ «تۆۋەندىكىلەر ... ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئونىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئەساۋنىڭ سېئىردا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىنىڭ تولىدوتى» («ئەساۋنىڭ سېئىردا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (9:36-1:37) باشلىنىدۇ. ئەساۋ ئاۋۋال قانائان زېمىنىدا تۇرۇپ بىرنەچچە پەرزەنت كۆردى؛ بۇلار 1-8-ئايەتتە خاتىرىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ «سېئىر تاغلىق رايونى»دا تۇرۇپ ئۇ يەردە بىرنەچچە پەرزەنتلىك بولغان؛ بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ (9:36-1:37).
مەزكۇر تارىخ شۇ تاغلىق رايونلۇق «ھورىيلار»نىڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قارىغاندا، ھورىيلار ئاۋۋال ئەساۋلارغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئاسسىمىلياتسىيىلىشىپ بىر مىللەت، يەنى «ئېدوملار» ياكى «ئېدومىيلار» بولۇپ قالغان.
10‏-13 ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئوغلى ئېلىفاز؛ ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئوغلى رېئۇئەل. ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تېمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەناز ئىدى. ئەساۋنىڭ ئوغلى ئېلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا ئىدى؛ ئۇ ئېلىفازغا ئامالەكنى تۇغۇپ بەردى. يۇقىرىلار بولسا ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ناھات، زەراھ، شامماھ ۋە مىززاھ ئىدى؛ بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
14 ئەساۋنىڭ ئايالى، يەنى زىبېئوننىڭ چوڭ قىزى، ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرى: ئۇ ئەساۋغا يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغۇپ بەردى.
15 ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى ئەمىرلەر چىققان: ــ ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرىدىن: ــ ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زەفو، ئەمىر كېناز، «ئەمىرلەر» ــ مۇشۇ يەردە ئەساۋنىڭ نەسلىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى (قەبىلە باشلىقلىرى)نى كۆرسەتسە كېرەك. 16 ئەمىر كوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك چىققان. بۇلار ئېدوم زېمىنىدا ئېلىفازنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر بولۇپ، ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
17 ئەساۋنىڭ ئوغلى رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر ناھات، ئەمىر زەراھ، ئەمىر شامماھ ۋە ئەمىر مىززاھلار چىققان؛ بۇلار ئېدوم زېمىنىدا رېئۇئەلنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەردۇر؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
18 ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر يەئۇش، ئەمىر يائالام ۋە ئەمىر كوراھلار چىققان. بۇلار ئاناھنىڭ قىزى، ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر ئىدى.
19 بۇلار ئەساۋنىڭ، يەنى ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى.
 
سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى ــ ھورىيلار
20‏-21 ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ ئېدوم زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىرى: ــ لوتان، شوبال، زىبېئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. بۇلار سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئېدوم زېمىنىدا ھورىيلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى. «ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ ئېدوم زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىر» ــ ھورىيلار ئەساۋلار «سېئىر زېمىنى»غا كىرىشتىن ئىلگىرىلا شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ئىدى. سېئىر ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، زېمىن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانىدى.   1تار. 1‏:38.
22 لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ھورى بىلەن ھېمام ئىدى؛ لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنا ئىدى. 23 شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى.
24 زىبېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاياھ ۋە ئاناھ ئىدى. بۇ ئاناھ چۆلدە ئاتىسى زىبېئوننىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى تېپىۋالغان ئاناھنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىدى.
25 ئاناھنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغلى دىشون؛ ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھ ئىدى.
26 دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كېران ئىدى.
 
27 ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكان ئىدى.
28 دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئاران ئىدى.
29‏-30 ھورىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمىرلىرى: ئەمىر لوتان، ئەمىر شوبال، ئەمىر زىبېئون، ئەمىر ئاناھ، ئەمىر دىشون، ئەمىر ئېزەر ۋە ئەمىر دىشان ئىدى. بۇلار بولسا ھورىيلارنىڭ سېئىر زېمىنىدا ئۆز ناملىرى بويىچە ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى.
 
ئېدومدىكى پادىشاھلار
31 ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ھېچ پادىشاھ تېخى سەلتەنەت قىلماستا ئېدوم زېمىنىدا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھلار تۆۋەندىكىدەك: ــ 1تار. 1‏:43.
32 بېئورنىڭ ئوغلى بېلا ئېدومدا سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى دىنھاباھ ئىدى.
33 بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
34 يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، تېمانىيلارنىڭ زېمىنىدىن كەلگەن ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
35 ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇ موئابنىڭ يايلاقلىرىدا مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنىدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.
36 ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
37 ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن، «دەريانىڭ بويىدىكى رەھوبوت»تىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. «دەريا» ــ مۇشۇ يەردە «ئەفرات دەرياسى»نى كۆرسىتىدۇ.
38 سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
39 ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، ئۇ مەي-زاھابنىڭ قىزى بولغان ماترەدنىڭ قىزى ئىدى. «ئاكبورنىڭ ئوغلى ... ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى» ــ قارىغاندا، ھورىيلارنىڭ پادىشاھلىرى سۇلالە تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، مەلۇم سايلام يولى بىلەن تاللىناتتى.
40‏-43 ئەساۋنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ ئات-ئىسىملىرى، جەمەتلىرى، نەسەبنامىلىرى ۋە تۇرغان جايلىرى بويىچە: ئەمىر تىمنا، ئەمىر ئالۋاھ، ئەمىر يەھەت، ئەمىر ئوھولىباماھ، ئەمىر ئېلاھ، ئەمىر پىنون، ئەمىر كېناز، ئەمىر تېمان ۋە ئەمىر مىبزار، ئەمىر ماگدىيەل ۋە ئەمىر ئىراملار ئىدى. بۇلار ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئۆز ناملىرى بىلەن ئاتالغانىدى. مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى. «مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى» ــ ياكى «بۇلار بولسا ئېدومدىكى ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ئەمىرلەر ئىدى». «مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى» ــ قىزىق بىر ئىش شۇكى، ئىسرائىللار تېخى مۇساپىر بولۇپ يۈرۈۋاتقاندا، ئەساۋلار ئاللىقاچان مۇقىم زېمىنلىق بولۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمى بولغان، شۇنداقلا خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولسا كېرەك. بىراق كېيىن ئىسرائىللار ئۇلاردىن كۆپ تەرەپلەردە ئېشىپ كەتتى.   1تار. 1‏:51.
 
 

36:1 «تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ توققۇزىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئەساۋ (ئېدوم)نىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى» («ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (1:36-8) باشلىنىدۇ. «ئېدوم» ــ بۇنىڭ مەنىسى «قىزىل» بولۇپ، سېئىر رايونىدىكى تۇپراقنىڭ رەڭگىنى كۆرسىتىدۇ. ئەساۋ ئۆزىمۇ «قىزىل ئادەم» بولۇپ، «قىزىل بىر زېمىن»دا ئولتۇراقلاشقان.

36:1 1تار. 1‏:35.

36:7 يار. 13‏:6.

36:8 يە. 24‏:4.

36:9 «تۆۋەندىكىلەر ... ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئونىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئەساۋنىڭ سېئىردا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىنىڭ تولىدوتى» («ئەساۋنىڭ سېئىردا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (9:36-1:37) باشلىنىدۇ. ئەساۋ ئاۋۋال قانائان زېمىنىدا تۇرۇپ بىرنەچچە پەرزەنت كۆردى؛ بۇلار 1-8-ئايەتتە خاتىرىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ «سېئىر تاغلىق رايونى»دا تۇرۇپ ئۇ يەردە بىرنەچچە پەرزەنتلىك بولغان؛ بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ (9:36-1:37). مەزكۇر تارىخ شۇ تاغلىق رايونلۇق «ھورىيلار»نىڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قارىغاندا، ھورىيلار ئاۋۋال ئەساۋلارغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئاسسىمىلياتسىيىلىشىپ بىر مىللەت، يەنى «ئېدوملار» ياكى «ئېدومىيلار» بولۇپ قالغان.

36:15 «ئەمىرلەر» ــ مۇشۇ يەردە ئەساۋنىڭ نەسلىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى (قەبىلە باشلىقلىرى)نى كۆرسەتسە كېرەك.

36:20‏-21 «ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ ئېدوم زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىر» ــ ھورىيلار ئەساۋلار «سېئىر زېمىنى»غا كىرىشتىن ئىلگىرىلا شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ئىدى. سېئىر ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، زېمىن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانىدى.

36:20‏-21 1تار. 1‏:38.

36:31 1تار. 1‏:43.

36:37 «دەريا» ــ مۇشۇ يەردە «ئەفرات دەرياسى»نى كۆرسىتىدۇ.

36:39 «ئاكبورنىڭ ئوغلى ... ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى» ــ قارىغاندا، ھورىيلارنىڭ پادىشاھلىرى سۇلالە تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، مەلۇم سايلام يولى بىلەن تاللىناتتى.

36:40‏-43 «مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى» ــ ياكى «بۇلار بولسا ئېدومدىكى ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ئەمىرلەر ئىدى». «مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى» ــ قىزىق بىر ئىش شۇكى، ئىسرائىللار تېخى مۇساپىر بولۇپ يۈرۈۋاتقاندا، ئەساۋلار ئاللىقاچان مۇقىم زېمىنلىق بولۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمى بولغان، شۇنداقلا خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولسا كېرەك. بىراق كېيىن ئىسرائىللار ئۇلاردىن كۆپ تەرەپلەردە ئېشىپ كەتتى.

36:40‏-43 1تار. 1‏:51.