(1) ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى بىر خىل زاتلار، پەرىشتىلەر ياكى روھلاردىن ئىبارەتتۇر.
(2) ئىنسان ئەمەس، بەلكى جىنلار ياكى يامان روھلاردىن ئىبارەتتۇر.
(3) ھەر جەھەتتىن ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن يۇقىرى ئادەملەر، پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدار.
(4) قابىلنىڭ خۇداسىز ئەۋلادلىرىدەك ئەمەس، بەلكى خۇدا يولىدا ماڭىدىغان شېتنىڭ ئىخلاسمەن ئەۋلادلىرىدۇر.
بىز بىرىنچى كۆزقاراشتا بولىمىز؛ «ئايۇپ» 6:1، 1:2، 7:38نى كۆرۈڭ. بۇنىڭ سەۋەبىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بېرىمىز. ■ يەھ. 6-7
ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، نۇھتىن ئىلگىرى ئادەملەر بىرنەچچە يۈز يىل ياشايتتى.
«كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى: «بىراق ئۇلارغا يەنىلا بىر يۈز يىگىرمە يىل (توپان كەلگۈچە) ئۆمۈر بېرىمەن».
«داڭلىق پالۋان-باتۇرلار» ــ ئۇلار گەرچە «پالۋان-باتۇرلار» بولسىمۇ، ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن رەزىل ئىدى (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). 5 پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى.□ «ھەرقاچان» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۈتكۈل كۈنىدە». ■ يار. 8:21؛ ئايۇپ 15:16؛ پەند. 6:14؛ يەر. 17:9؛ مات. 15:19؛ رىم. 3:11،12،13؛ 8:6. 6 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى. 7 بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ
بەزى ۋاقىتلاردا «ئەت ئىگىلىرى» (مەسىلەن، 19-ئايەتتە) ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (4:6نى كۆرۈڭ).
«بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ ... قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق ئەت ئىگىلىرى... ئۆز يولىنى بۇزغانىدى». 13 شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ
بەزى ۋاقىتلاردا «ئەت ئىگىلىرى» (مەسىلەن، 15:7دە) ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 20 تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ. 21 ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى.
□6:2 «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ــ بۇ توغرۇلۇق تۆت خىل چۈشەنچە بار: ــ (1) ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى بىر خىل زاتلار، پەرىشتىلەر ياكى روھلاردىن ئىبارەتتۇر. (2) ئىنسان ئەمەس، بەلكى جىنلار ياكى يامان روھلاردىن ئىبارەتتۇر. (3) ھەر جەھەتتىن ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن يۇقىرى ئادەملەر، پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدار. (4) قابىلنىڭ خۇداسىز ئەۋلادلىرىدەك ئەمەس، بەلكى خۇدا يولىدا ماڭىدىغان شېتنىڭ ئىخلاسمەن ئەۋلادلىرىدۇر. بىز بىرىنچى كۆزقاراشتا بولىمىز؛ «ئايۇپ» 6:1، 1:2، 7:38نى كۆرۈڭ. بۇنىڭ سەۋەبىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بېرىمىز.
□6:3 «ئىنسان ئەتتۇر» ــ «ئەت» دېگەن ئىبارە (ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا ئىبارىلەر) ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا تىلغا ئېلىنغاندا، دائىم دېگۈدەك ئىنسانلارنىڭ گۇناھقا ئەسىر بولۇپ قېلىشىنى، يەنى ئۆز ئېتىدىكى ھەۋەس-ئىشتىياقلىرىغا ئەسىر بولۇپ قېلىشىنى تەكىتلەيدۇ. «ئەت» دېگەن سۆز مۇقەددەس كىتابتا مۇشۇ يەردە بىرىنچى قېتىم ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى كۆرسەتكەن. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزنىمۇ كۆرۈڭ. «مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ» ــ بۇ جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ ياشاۋەرمەيدۇ». لېكىن بىزنىڭچە خۇدا بۇ ئايەتتە ئۆز روھىنىڭ ئادەمنىڭ گۇناھىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋىجدانىدا كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇشى كېرەك؛ بۇ تەرجىمىنى ئالدى-كەينىدىكى بايانلارغا ئەڭ مۇۋاپىق تەرجىمە دەپ قارايمىز. خۇدا ئادەمنىڭ گۇناھلىرىغا چەك قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆمرىگە چەك (120 ياش) قويىدۇ («تېسالونىكالىقلارغا (2)»)دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، نۇھتىن ئىلگىرى ئادەملەر بىرنەچچە يۈز يىل ياشايتتى. «كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى: «بىراق ئۇلارغا يەنىلا بىر يۈز يىگىرمە يىل (توپان كەلگۈچە) ئۆمۈر بېرىمەن».
□6:4 «گىگانتلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەفىلىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «نەفىلىم» دېگەننىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى «يىقىلغانلار» بولۇشى مۇمكىن. «داڭلىق پالۋان-باتۇرلار» ــ ئۇلار گەرچە «پالۋان-باتۇرلار» بولسىمۇ، ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن رەزىل ئىدى (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).
□6:5 «ھەرقاچان» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۈتكۈل كۈنىدە».
■6:5 يار. 8:21؛ ئايۇپ 15:16؛ پەند. 6:14؛ يەر. 17:9؛ مات. 15:19؛ رىم. 3:11،12،13؛ 8:6.
□6:9 «نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئۈچىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «نۇھنىڭ تارىخى» ياكى «نۇھنىڭ تولىدوتى» (9:6-29:9) باشلىنىدۇ («تولىدوت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ).
■6:9 يار. 5:22.
□6:12 «ئەت ئىگىلىرى» ــ بۇ ئىبارە مۇقەددەس كىتابتا ئادەتتە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ (3:6نىڭ ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ). بەزى ۋاقىتلاردا «ئەت ئىگىلىرى» (مەسىلەن، 19-ئايەتتە) ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (4:6نى كۆرۈڭ). «بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ ... قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق ئەت ئىگىلىرى... ئۆز يولىنى بۇزغانىدى».
□6:14 «گوفەر ياغىچى» ــ ياكى «ئارچا ياغىچى». «كېمە» ــ مۇشۇ يەردە «ساندۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ۋە بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان نىسبىتى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ كېمىلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن شەكلى پەقەت ساندۇقتەك ئىدى. سەۋەبى، شۇ كېمىنىڭ مەقسىتى دېڭىزدا مېڭىش ئەمەس، پەقەت لەيلەپ يۈرەشتىن ئىبارەت ئىدى.
□6:15 «گەز» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى.
□6:16 «كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا» ــ بۇ جۈملىنىڭ كۆپ خىل تەرجىمىلىرى بار، لېكىن ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش.
■6:18 1پېت. 3:20؛ 2پېت. 2:5.
□6:19 «بارلىق جاندارلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەت ئىگىلىرىدىن». بەزى ۋاقىتلاردا «ئەت ئىگىلىرى» (مەسىلەن، 15:7دە) ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
■6:22 يار. 7:5؛ ئىبر. 11:7.