10
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى
1 پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ
دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛
ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار.
■ 2 ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛
ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.
■ 3 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛
لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.
4 ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛
ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار.
□ ■ 5 يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛
لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر.
6 بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛
ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار.
□ 7 ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛
يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.
8 دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
■ 9 غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر،
يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
10 كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
11 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر،
ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار.
□ ■ 12 ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛
مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.
■ 13 ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛
ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر.
■ 14 دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛
لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.
15 مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛
مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر.
16 ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار،
قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر.
□ 17 نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛
تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.
18 ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛
تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر.
□ 19 گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس،
لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر.
20 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛
ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.
□ 21 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛
ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.
22 پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛
ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس.
23 ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛
ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ
خۇرسەنلىكىدۇر.
□ ■ 24 يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.
25 يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛
لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
26 ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك،
كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك،
ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.
□ 27 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار،
ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار.
■ 28 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛
لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار.
■ 29 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر.
■ 30 ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛
يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس.
31 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛
لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.
32 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛
يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار.