15
شىمشوننىڭ فىلىستىيلەر بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىشى
ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ بۇغداي ئورۇش مەزگىلى كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، شىمشون بىر ئوغلاقنى ئېلىپ ئۆز ئايالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «مەن خوتۇنۇمنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىمەن» دېدى. لېكىن ئايالىنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىچكىرىگە كىرىشىگە يول قويمىدى. قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەقىقەتەن سىزنى ئۇنىڭغا مۇتلەق ئۆچ بولۇپ كەتتى، دەپ ئويلىدىم؛ شۇڭا مەن ئۇنى سىزنىڭ قولدىشىڭىزغا بېرىۋەتكەنىدىم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ چىرايلىققۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنى ئالغان بولسىڭىز! ــ دېدى. «...ئۇنى سىزنىڭ قولدىشىڭىزغا بېرىۋەتكەنىدىم» ــ ياكى «ئۇنى سىنىڭ ئاغىنەڭگە بېرىۋەتكەنىدىم».
ئەمما شىمشون ئۇلارغا: ــ ئەمدى مەن بۇ قېتىم فىلىستىيلەرگە زىيان يەتكۈزسەم، ماڭا گۇناھ بولمايدۇ! ــ دېدى.
شۇنى دەپ شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز چىلبۆرىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئوتقاشلارنى تەييارلاپ، چىلبۆرىلەرنى جۈپلەپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئىككى قۇيرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئوتقاشنى ئاستى؛ «ئۈچ يۈز چىلبۆرە» ــ بەزى تەرجىمىلەردە «ئۈچ يۈز تۈلكە» دېيىلىدۇ. لېكىن چىلبۆرىلەر توپ بولۇپ يۈرگەچكە، ئازراق گۆشنى يەمچۈك قىلىش بىلەن ئۇلارنى تۇتىۋېلىش تۈلكىلەرنى تۇتۇۋېلىشتىن كۆپ ئاسان بولىدۇ. ئوتقاشلارغا ئوت يېقىپ چىلبۆرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئېتىزدىكى ئورمىغان زىرائەتلىرىگە قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۆۋە-دۆۋە ئۆنچىلەرنى، ئورۇلمىغان زىرائەتلەرنى، شۇنداقلا زەيتۇن باغلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. «ئېتىزدىكى ئورمىغان زىرائەتلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېتىزدىكى ئۆرە تۇرغان زىرائەتلىرى» ــ دېمەك، پىشاي دەپ قالغان زىرائەتلەر. فىلىستىيلەر بۇنى كۆرۈپ: بۇنى كىم قىلدى، ــ دەپ سورىسا، خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ تىمناھلىق ئادەمنىڭ كۈيئوغلى شىمشون قىلدى؛ قېينئاتىسى ئۇنىڭ ئايالىنى ئۇنىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر چىقىپ، ئۇ ئايال بىلەن ئاتىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
شىمشون ئۇلارغا: ــ سىلەر شۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەردىن ئىنتىقام ئالماي بولدى قىلمايمەن، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قەتل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن ئۇ بېرىپ ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىدە تۇردى. «شىمشون ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قەتل قىلىۋەتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شىمشون ئۇلارنى يوتا ۋە پاچاقلىرىغا ئۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى».
ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەر چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدا چېدىر تىكىپ، لېھى دېگەن جايدا يېيىلدى. «لېھى دېگەن جايدا يېيىلدى» ــ ياكى «لېھى دېگەن جايدا جەڭگە سەپ تۈزدى». 10 يەھۇدالار بولسا: ــ نېمىشقا بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىسىلەر؟ ــ دېۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىز شىمشوننى تۇتۇپ باغلاپ، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، دەپ چىقتۇق، ــ دېدى.
11 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا يۇرتىدىكى ئۈچ مىڭ كىشى ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىگە چۈشۈپ، شىمشونغا: ــ سەن فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنىنى بىلمەمسەن؟ شۇنى بىلىپ تۇرۇپ، سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق قىلدىڭ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلار ماڭا قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا قىلدىم، دەپ جاۋاب بەردى.
12 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، دېۋىدى، شىمشون ئۇلارغا: ــ «بىز ئۆزىمىز ساڭا ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرمەيمىز»، دەپ ماڭا قەسەم قىلىڭلار، دېدى.
13 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئۆلتۈرمەيمىز؛ پەقەت سېنى چىڭ باغلاپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز؛ ھەرگىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمىز، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنى دەپ ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن ئۇنى باغلاپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ ماڭدى. 14 ئۇ لېھىگە كەلگەندە، فىلىستىيلەر ۋارقىراشقىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشۈپ كەلدى. ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، قوللىرىنى باغلىغان ئارغامچىلار ئوت تۇتاشقان كەندىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ، تۈگۈچلەر قوللىرىدىن يېشىلىپ كەتتى. 15 ئاندىن ئۇ ئېشەكنىڭ يېڭى بىر ئېڭەك سۆڭىكىنى كۆرۈپ، قولىنى ئۇزىتىپلا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. «ئۇ ئېشەكنىڭ يېڭى بىر ئېڭەك سۆڭىكىنى كۆرۈپ...» ــ كونا سۆڭەك بولغان بولسا، چۈرۈكلىكىدىن ئاسانلا سۇنۇپ كەتكەن بولاتتى.
16 شىمشون: ــ
«ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ،
ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم،
ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردۈم!» ــ دېدى. «ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم» ــ ياكى «ئۇلارنى ئىككى دۆۋە قىلىۋەتتىم». بۇ شېئىردىن قارىغاندا، شىمشون ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېتىم فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشقان بولۇشى مۇمكىن.
17 بۇلارنى دەپ ئېشەكنىڭ ئېڭەك سۆڭىكىنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ شۇ جايغا «راموت-لېھى» دەپ نام قويدى. «راموت-لېھى» ــ «لېھىنىڭ ئېگىزلىكى».
18 ئۇ ئىنتايىن ئۇسساپ پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ سەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ قولى بىلەن بۇنچە چوڭ نۇسرەتنى بارلىققا كەلتۈردۈڭ، ئەمدى مەن ھازىر ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، خەتنىسىزلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالارمەنمۇ؟ ــ دېدى. 1سام. 17‏:26، 36؛ 2سام. 1‏:2
19 شۇنىڭ بىلەن خۇدا لېھىدىكى ئازگالنى ياردى، سۇ ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى. شىمشون ئىچىپ، روھى ئۇرغۇپ جان كىردى. بۇ سەۋەبتىن بۇ بۇلاققا «ئەن-ھاككورە» دەپ نام قويۇلدى؛ تا بۈگۈنگىچە ئۇ لېھىدا بار. «ئەن-ھاققورە» ــ «پەرياد كۆتۈرگۈچىنىڭ بۇلىقى».
20 شىمشون فىلىستىيلەرنىڭ دەۋرىدە يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. «شىمشون .... يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى» ــ شىمشوننىڭ ھاكىم بولغان ۋاقتى بەلكىم ئابىمەلەك ۋە يەفتاھنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلىرى بىلەن زامانداش بولسا كېرەك؛ ئۇ پەلەستىننىڭ غەربىدە، ئۇلار شەرق ۋە شىمالىدا ھۆكۈم سۈرەتتى.
 
 

15:2 «...ئۇنى سىزنىڭ قولدىشىڭىزغا بېرىۋەتكەنىدىم» ــ ياكى «ئۇنى سىنىڭ ئاغىنەڭگە بېرىۋەتكەنىدىم».

15:4 «ئۈچ يۈز چىلبۆرە» ــ بەزى تەرجىمىلەردە «ئۈچ يۈز تۈلكە» دېيىلىدۇ. لېكىن چىلبۆرىلەر توپ بولۇپ يۈرگەچكە، ئازراق گۆشنى يەمچۈك قىلىش بىلەن ئۇلارنى تۇتىۋېلىش تۈلكىلەرنى تۇتۇۋېلىشتىن كۆپ ئاسان بولىدۇ.

15:5 «ئېتىزدىكى ئورمىغان زىرائەتلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېتىزدىكى ئۆرە تۇرغان زىرائەتلىرى» ــ دېمەك، پىشاي دەپ قالغان زىرائەتلەر.

15:8 «شىمشون ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قەتل قىلىۋەتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شىمشون ئۇلارنى يوتا ۋە پاچاقلىرىغا ئۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى».

15:9 «لېھى دېگەن جايدا يېيىلدى» ــ ياكى «لېھى دېگەن جايدا جەڭگە سەپ تۈزدى».

15:15 «ئۇ ئېشەكنىڭ يېڭى بىر ئېڭەك سۆڭىكىنى كۆرۈپ...» ــ كونا سۆڭەك بولغان بولسا، چۈرۈكلىكىدىن ئاسانلا سۇنۇپ كەتكەن بولاتتى.

15:16 «ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم» ــ ياكى «ئۇلارنى ئىككى دۆۋە قىلىۋەتتىم». بۇ شېئىردىن قارىغاندا، شىمشون ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېتىم فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشقان بولۇشى مۇمكىن.

15:17 «راموت-لېھى» ــ «لېھىنىڭ ئېگىزلىكى».

15:18 1سام. 17‏:26، 36؛ 2سام. 1‏:2

15:19 «ئەن-ھاققورە» ــ «پەرياد كۆتۈرگۈچىنىڭ بۇلىقى».

15:20 «شىمشون .... يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى» ــ شىمشوننىڭ ھاكىم بولغان ۋاقتى بەلكىم ئابىمەلەك ۋە يەفتاھنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلىرى بىلەن زامانداش بولسا كېرەك؛ ئۇ پەلەستىننىڭ غەربىدە، ئۇلار شەرق ۋە شىمالىدا ھۆكۈم سۈرەتتى.