□1:1 «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ «دارىئۇس پادىشاھ»، يەنى «دارىئۇس خىسپاستېس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 521-485-يىللار). بۇ كۈن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى، 29-ئاۋغۇست ئىدى. «ئالتىنچى ئاي» ــ مۇقەددەس كىتابتا يىل، ئايلار تىلغا ئېلىنغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ («تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ). «ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت بولاتتى، يېرۇسالېمدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كىشىلەر بەلكىم ئاز بولمىسا كېرەك. «باش كاھىن يەشۇئا» ــ «كاھىن» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى خادىم.
□1:2 «بۇ خەلق: «ۋاقتى كەلمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى» ــ دەيدۇ» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى 15 يىل ئىلگىرى باشلانغانىدى، بىراق خەلق باشقا ئەللەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، قۇرۇش خىزمىتىدىن قول تارتقانىدى («ئەزرا»، 3-5-بابلارنى كۆرۈڭ).
□1:4 «تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلار» ــ «تاختايدىن بېزەلگەن» دېگەن بۇ سۆز تەۋراتتا پەقەت سۇلايمان قۇرغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ بېزىلىشى ۋە «يەھوئاھاز پادىشاھ»نىڭ ئوردىسىنىڭ بېزىلىشىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىر قېتىم ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، خەلقلەر بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا 15 يىل ئىلگىرى تەييارلىغان ياغاچنى ھازىر ئۆز ئۆيلىرىنى بېزەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىككى گۇناھى بار ئىدى: (1) خۇدانىڭ ئۆيىنى قۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش؛ (2) خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان ياغاچنى ئۆز ئۆيلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش.
■1:6 قان. 28:38؛ مىك. 6:14، 15.
□1:10 «شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ» ــ شەبنەم، بولۇپمۇ 8- ۋە 9-ئايدا پىشىدىغان مېۋە ياكى ئاشلىقنى يېگىلەشتىن ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
■1:10 قان. 28:23
□1:11 «مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، ... قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم» ــ «قۇرغاقچىلىق» ( ئىبرانىي تىلىدا «خورەب») ھەم «خارابە» دېگەنلەر بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەر ــ خۇدانىڭ ئۆيى «خارابە» بولسا، ئۇلارغا «خورەب» (قۇرغاقچىلىق) بولىدۇ.
□1:15 «بۇ دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىدى» ــ ھاگاي بېشارەت بېرىپ، خەلق خۇدانىڭ ئۆيىدە ئىش باشلىغۇچە 23 كۈن ئۆتتى. بۇ ۋاقىت ھوسۇل يىغىدىغان پەسىل بولغاچقا، ئىش بەلكىم ھوسۇلنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن باشلانغان.