3
ئادەمئاتىنىڭ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشى
يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. «يىلان... دەپ سورىدى» ــ بىزدە گۇمان يوقكى، يىلاننى ئىشلىتىپ سۆز قىلغۇچى شەيتان ئىدى («ۋەھ.» 9:12، 2:20نى كۆرۈڭ). ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، شەيتان «خۇدا» دېگىنى بىلەن «رەب» ياكى «پەرۋەردىگار» دېگەن ناملارنى قەتئىي ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ ئايالدىن سوئال سورىغاندا خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزىدىكى «خالىغىنىڭچە» دېگەن سۆزنى چىقىرىۋېتىدۇ.
ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى. «باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ» ــ ھاۋائانىمىز خۇدانىڭ تاپىلىغىنىنى ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن «خالىغىنىڭچە» دېگەن سۆزنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان، ئىككىنچىدىن خۇدانىڭ سۆزىگە: «قول تەگكۈزمەڭلەر» دېگەننى قوشۇپ قويىدۇ (4:2). لېكىن ھاۋائانىمىز مۇشۇ سۆزلەرنى بىۋاسىتە خۇدادىن ئاڭلىغان ئەمەس، ئېرى ئادەمئاتىمىز ئۇنىڭغا توغرا يەتكۈزۈشى كېرەك ئىدى؛ شۇڭا بۇ خاتالىقنىڭ مەسئۇلىيىتى ئادەمئاتىمىزدىمۇ بولۇشى مۇمكىن.
يەنە دىققەت قىلىمىزكى، گەرچە «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا» ئىككى دەرەخ بولسىمۇ، ھاۋائانىمىز پەقەت «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخ» دەپ، بىرلا دەرەخنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى ئاللىقاچان شۇ دەرەخكە مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! 2كور. 11‏:3. بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى. يـۇھ. 8‏:44
ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى. «ئايال ... كۆردى» ــ ھاۋائانا ئۇچرىغان ئازدۇرۇلۇشنى مەسىھ ئەيسا ئۇچرىغان سىناق بىلەن سېلىشتۇرساق ئۇلاردا ئوخشاش ئۈچ ئامىل مەۋجۇت ــ «لۇقا» 1:4-14 ۋە «1يۇھ.» 16:2نى كۆرۈڭ.
ئىنجىل بويىچە ھاۋائانىمىز ئالدىنىپ قالغۇچى، تولۇق گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئادەمئاتىمىزدۇر؛ چۈنكى ئۇ ھېچ قارشىلىق كۆرسەتمەي، بىلىپ تۇرۇپ شۇ مېۋىدىن يېدى («1تىم.» 14:2نى كۆرۈڭ). ئادەمئاتىمىز ھاۋائانىنىڭ يېنىدا بولغىنى بىلەن، يەنىلا ئۇنى مېۋىنى يېيىشتىن توسۇمىدى.
   رىم. 5‏:12، 14-21؛ 1تىم. 2‏:14. يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى.
كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. «كۈن سالقىنلىغاندا» ــ ياكى «كۈننىڭ سالقىن شامال ۋاقتىدا». «كۈننىڭ سالقىنلىشىش ۋاقتى» ئوتتۇرا شەرقتە كەچقۇرۇن باشلىنىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى.
10 ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ:
ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى.
11  خۇدا ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى.
12 ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى.
13 پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى. ۋەھ. 12‏:13.
 
خۇدانىڭ يىلان، ئادەمئاتا ۋە ھاۋائانىنى جازالىشى
14 پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن،
سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن،
دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛
قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ،
ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن. «پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى» ــ خۇدا يىلاندىن ھېچقانداق سوئال سورىمايدۇ. «بەكرەك لەنەتكە قالىسەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەقەت سەنلا شۇ لەنەتلەرگە قالىسەن...». ئەمما ئادەمئاتىمىزنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بارلىق جان ئىگىلىرى لەنەتكە قېلىپ ئۆلىدۇ؛ شۇڭا بىز 14:3دىكى تەرجىمىنى توغرا دەپ قارايمىز. «توپا يەيسەن» ــ يىلانلارنىڭ ئوزۇقى توپا ئەمەس، ئەلۋەتتە، بىراق ئۇلار ھەردائىم ئوزۇق يېگەندە توپا يېمەي قالمايدۇ. بۇ ئىش يىلاننىڭ پەسلەستۈرۈلگەنلىكىنى، نومۇسقا قالدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
15 ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا،
سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛
ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ،
سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن». «ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ» ــ ئايالنىڭ نەسلى شۇنداق قىلىدۇ. «ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن» ــ مۇشۇ بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن ئىش شۇكى، ئايال كىشىنىڭ نەسلى شەيتاننىڭ بېشىنى پۇتى بىلەن دەسسەپ يانچىغاندا، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ تاپىنىنى يارىلاندۇرىدۇ. بۇ بېشارەتنى دۇنياغا كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى توغرۇلۇق، دەپ ئىشىنىمىز. بۇنىڭ ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.   مات. 4‏:1؛ كول. 2‏:15.
16 ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛
سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛
سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ،
ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى. «ھامىلىدارلىقىڭنى...كۆپەيتىمەن» ــ ئىنسان ئۆلىدىغان قىلىنغاچقا، ئايال كىشى كۆپرەك بالا تۇغۇشى كېرەك. «سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنداقتىمۇ، ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن ۋە ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ». ئەمما خۇدانىڭ مۇشۇ ھۆكۈمى بىلەن گۇناھ تۈپەيلىدىن ئەر-ئايال ئارىسىدا زىددىيەت ۋە كۈرەش پەيدا بولدى، دېگەنلىكتۇر، دەپ قارايمىز. ئوخشاش پېئىللارنى ئىشلەتكەن، ئوخشاش شەكىللىك بىر جۈملە 7:4دە تېپىلىدۇ.   1كور. 14‏:34؛ 1تىم. 2‏:11، 12؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:6.
17 ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ،
مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن،
سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛
ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن. «ئايالىڭنىڭ سۆزىگە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئايالىڭنىڭ ئاۋازىغا». «... دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن» ــ ئەلۋەتتە، ئادەمئاتىنىڭ بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىي تېكىست ئىبرانىي تىلىدا «دەرەختىن» دەپ ئېلىنىدۇ.
18 يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛
شۇنداقتىمۇ سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن. «سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن» ــ نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىگىچە ئىنسانلارغا پەقەت زىرائەت-ئوتياش (گۆشنى ئەمەس) يېيىشكە رۇخسەت ئىدى (29:1نى كۆرۈڭ).
19 تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛
چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛
سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ،
يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى.
20 ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى. «ھاۋا» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش. ئادەمئاتىنىڭ بۇ سۆزلىرى بېشارەتلىك ئىدى؛ چۈنكى ھاۋائانا تېخىچە بالا تۇغمىغانىدى.
 
21 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋان تېرىلىرىدىن كىيىم قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى. «ھايۋان تېرىلىرى» ــ بۇ تېرىلەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەلۇم گۇناھسىز ھايۋاناتلار ئۆلۈشى كېرەك. بۇ بەلكىم بىرىنچى قۇربانلىقلار بولۇشى مۇمكىن. خۇدانىڭ ئادەمئاتا ۋە ھاۋائانىمىزغا ئېيتقان سۆزلىرى ۋە قىلغان مۇئامىلىسى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.   2كور. 5‏:1-5
 
ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئېرەم باغدىن قوغلىنىشى
22 پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك، دېدى. «بىزلەر» ــ بۇ سۆز توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (26:1 توغرۇلۇق) كۆرۈڭ. «ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك» ــ مۇشۇ سۆزلەر ئەينى تېكىستتە يوق.
23 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنى يەرگە ئىشلەيدىغان، يەنى ئۆزى ئەسلى ئاپىرىدە قىلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى. 24 ئادەمنى قوغلىۋېتىپ، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرەم بېغىنىڭ مەشرىق تەرىپىگە كېرۇبلارنى ۋە تۆت تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر شەمشەرنى قويۇپ قويدى. «كېرۇبلار» ــ بەلكىم ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرىشتىلەر ياكى مەخلۇقلار بولۇشى مۇمكىن. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
 
 

3:1 «يىلان... دەپ سورىدى» ــ بىزدە گۇمان يوقكى، يىلاننى ئىشلىتىپ سۆز قىلغۇچى شەيتان ئىدى («ۋەھ.» 9:12، 2:20نى كۆرۈڭ). ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، شەيتان «خۇدا» دېگىنى بىلەن «رەب» ياكى «پەرۋەردىگار» دېگەن ناملارنى قەتئىي ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ ئايالدىن سوئال سورىغاندا خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزىدىكى «خالىغىنىڭچە» دېگەن سۆزنى چىقىرىۋېتىدۇ.

3:3 «باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ» ــ ھاۋائانىمىز خۇدانىڭ تاپىلىغىنىنى ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن «خالىغىنىڭچە» دېگەن سۆزنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان، ئىككىنچىدىن خۇدانىڭ سۆزىگە: «قول تەگكۈزمەڭلەر» دېگەننى قوشۇپ قويىدۇ (4:2). لېكىن ھاۋائانىمىز مۇشۇ سۆزلەرنى بىۋاسىتە خۇدادىن ئاڭلىغان ئەمەس، ئېرى ئادەمئاتىمىز ئۇنىڭغا توغرا يەتكۈزۈشى كېرەك ئىدى؛ شۇڭا بۇ خاتالىقنىڭ مەسئۇلىيىتى ئادەمئاتىمىزدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. يەنە دىققەت قىلىمىزكى، گەرچە «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا» ئىككى دەرەخ بولسىمۇ، ھاۋائانىمىز پەقەت «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخ» دەپ، بىرلا دەرەخنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى ئاللىقاچان شۇ دەرەخكە مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

3:4 2كور. 11‏:3.

3:5 يـۇھ. 8‏:44

3:6 «ئايال ... كۆردى» ــ ھاۋائانا ئۇچرىغان ئازدۇرۇلۇشنى مەسىھ ئەيسا ئۇچرىغان سىناق بىلەن سېلىشتۇرساق ئۇلاردا ئوخشاش ئۈچ ئامىل مەۋجۇت ــ «لۇقا» 1:4-14 ۋە «1يۇھ.» 16:2نى كۆرۈڭ. ئىنجىل بويىچە ھاۋائانىمىز ئالدىنىپ قالغۇچى، تولۇق گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئادەمئاتىمىزدۇر؛ چۈنكى ئۇ ھېچ قارشىلىق كۆرسەتمەي، بىلىپ تۇرۇپ شۇ مېۋىدىن يېدى («1تىم.» 14:2نى كۆرۈڭ). ئادەمئاتىمىز ھاۋائانىنىڭ يېنىدا بولغىنى بىلەن، يەنىلا ئۇنى مېۋىنى يېيىشتىن توسۇمىدى.

3:6 رىم. 5‏:12، 14-21؛ 1تىم. 2‏:14.

3:8 «كۈن سالقىنلىغاندا» ــ ياكى «كۈننىڭ سالقىن شامال ۋاقتىدا». «كۈننىڭ سالقىنلىشىش ۋاقتى» ئوتتۇرا شەرقتە كەچقۇرۇن باشلىنىدۇ.

3:13 ۋەھ. 12‏:13.

3:14 «پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى» ــ خۇدا يىلاندىن ھېچقانداق سوئال سورىمايدۇ. «بەكرەك لەنەتكە قالىسەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەقەت سەنلا شۇ لەنەتلەرگە قالىسەن...». ئەمما ئادەمئاتىمىزنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بارلىق جان ئىگىلىرى لەنەتكە قېلىپ ئۆلىدۇ؛ شۇڭا بىز 14:3دىكى تەرجىمىنى توغرا دەپ قارايمىز. «توپا يەيسەن» ــ يىلانلارنىڭ ئوزۇقى توپا ئەمەس، ئەلۋەتتە، بىراق ئۇلار ھەردائىم ئوزۇق يېگەندە توپا يېمەي قالمايدۇ. بۇ ئىش يىلاننىڭ پەسلەستۈرۈلگەنلىكىنى، نومۇسقا قالدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

3:15 «ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ» ــ ئايالنىڭ نەسلى شۇنداق قىلىدۇ. «ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن» ــ مۇشۇ بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن ئىش شۇكى، ئايال كىشىنىڭ نەسلى شەيتاننىڭ بېشىنى پۇتى بىلەن دەسسەپ يانچىغاندا، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ تاپىنىنى يارىلاندۇرىدۇ. بۇ بېشارەتنى دۇنياغا كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى توغرۇلۇق، دەپ ئىشىنىمىز. بۇنىڭ ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.

3:15 مات. 4‏:1؛ كول. 2‏:15.

3:16 «ھامىلىدارلىقىڭنى...كۆپەيتىمەن» ــ ئىنسان ئۆلىدىغان قىلىنغاچقا، ئايال كىشى كۆپرەك بالا تۇغۇشى كېرەك. «سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنداقتىمۇ، ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن ۋە ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ». ئەمما خۇدانىڭ مۇشۇ ھۆكۈمى بىلەن گۇناھ تۈپەيلىدىن ئەر-ئايال ئارىسىدا زىددىيەت ۋە كۈرەش پەيدا بولدى، دېگەنلىكتۇر، دەپ قارايمىز. ئوخشاش پېئىللارنى ئىشلەتكەن، ئوخشاش شەكىللىك بىر جۈملە 7:4دە تېپىلىدۇ.

3:16 1كور. 14‏:34؛ 1تىم. 2‏:11، 12؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:6.

3:17 «ئايالىڭنىڭ سۆزىگە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئايالىڭنىڭ ئاۋازىغا». «... دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن» ــ ئەلۋەتتە، ئادەمئاتىنىڭ بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىي تېكىست ئىبرانىي تىلىدا «دەرەختىن» دەپ ئېلىنىدۇ.

3:18 «سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن» ــ نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىگىچە ئىنسانلارغا پەقەت زىرائەت-ئوتياش (گۆشنى ئەمەس) يېيىشكە رۇخسەت ئىدى (29:1نى كۆرۈڭ).

3:20 «ھاۋا» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش. ئادەمئاتىنىڭ بۇ سۆزلىرى بېشارەتلىك ئىدى؛ چۈنكى ھاۋائانا تېخىچە بالا تۇغمىغانىدى.

3:21 «ھايۋان تېرىلىرى» ــ بۇ تېرىلەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەلۇم گۇناھسىز ھايۋاناتلار ئۆلۈشى كېرەك. بۇ بەلكىم بىرىنچى قۇربانلىقلار بولۇشى مۇمكىن. خۇدانىڭ ئادەمئاتا ۋە ھاۋائانىمىزغا ئېيتقان سۆزلىرى ۋە قىلغان مۇئامىلىسى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.

3:21 2كور. 5‏:1-5

3:22 «بىزلەر» ــ بۇ سۆز توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (26:1 توغرۇلۇق) كۆرۈڭ. «ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك» ــ مۇشۇ سۆزلەر ئەينى تېكىستتە يوق.

3:24 «كېرۇبلار» ــ بەلكىم ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرىشتىلەر ياكى مەخلۇقلار بولۇشى مۇمكىن. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.